تۈركىيە ئىدلىبتا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار تۇرۇۋاتقان 3 مۇساپىرلار لاگېرى نىشان قىلىنغان ۋە 9 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن  بولغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1903442
تۈركىيە ئىدلىبتا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ،  ئىدلىب ۋىلايىتىدە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار تۇرۇۋاتقان 3 مۇساپىرلار لاگېرى نىشان قىلىنغان، 9 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 70 كىشى يارىلانغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ھۇجۇملار رايوننىڭ خاتىرجەملىكى ۋە جىددىيچىلىكنى ئازايتىش تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان يەتكۈزمەكتە، ھەمدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا.»

مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئالاقىدار كېلىشىملەرگە رىئايە قىلىشى ۋە پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىشى تەلەپ قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ رايوننىڭ ئەمىنلىكىنى قوغداش، سۈرىيە كىرىزىسىگە سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى مۇھتاجلارغا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈش بېرىش تىرىشچانلىقلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر