تۇنجەلىدە «ئەرەن قامال قىلىش كۈز - قىش – 4» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى
تۇنجەلى ۋىلايىتىدە «ئەرەن قامال قىلىش كۈز - قىش - 4 شېھىت كەسپىي ئەسكەر بۇراق تورتۇملۇ ھەربىي ھەرىكىتى» باشلاندى.
1898401
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەت كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، تۇنجەلى ۋىلايىتىنىڭ ئوۋاجىك ناھىيەسى مەرجان تاغلىرى يېزىلىرىدا، 548 خادىمنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا، «ئەرەن قامال قىلىش كۈز - قىش - 4 شېھىت كەسپىي ئەسكەر بۇراق تورتۇملۇ ھەربىي ھەرىكىتى» باشلانغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «< ئەرەن قامال قىلىش كۈز - قىش> ھەربىي ھەرىكەتلىرى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا.»