تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى سارايىۋودا قىزلار ياتاق بىناسى لايىھەسىگە ھەسسە قوشتى

بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايىۋودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتى مېھىر - شەپقەت جەمئىيىتى تەرىپىدىن قىزلار ياتاق بىناسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

1895749
تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى سارايىۋودا قىزلار ياتاق بىناسى لايىھەسىگە ھەسسە قوشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لايىھەگە، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىدىن سىرت يەنە، مېھىر - شەپقەت جەمئىيىتىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسى ۋە كاتولىك ياردەم خىزمەتلىرى جەمئىيىتىمۇ ھەسسە قوشتى.

ئىگىلىنىشىچە، ياتاق بىناسىدا 15 قىز ئوقۇغۇچى ھەقسىز تۇرالايدىغان بولۇپ، مېھىر - شەپقەت جەمئىيىتى، ياتاق بىناسىدا تۇرىدىغانلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر