شەنتوپ ۋە ئالتۇن كان قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى ئالتۇن، بارتىننىڭ ئاماسرا ناھىيەسىدىكى بىر كاندا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

1893172
شەنتوپ ۋە ئالتۇن كان قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى
amasra maden ocagi patlama4.jpg
amasra maden ocagi patlama3.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى باشلىقى شەنتوپ، تۈركىيە تاشكۆمۈر ئورگىنىغا قاراشلىق ئاماسرا كۆمۈر كېنىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن بارتىن ۋالىيسى نۇرتاچ ئارسلانغا تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئىگىلىدى، ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت، ئۇلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا سەۋر، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلىدى.

شەنتوپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن تەزىيە ئۇچۇرىدىمۇ «قاپسىلىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ساق – سالامەت قۇتۇلدۇرۇلۇشى ۋە قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا، پارتلاشقا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىدىن ھال سورىدى ھەمدە يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەپ: «بارلىق ئىدارە – ئورگانلىرىمىز تولۇق ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بۇ ئەپسۇسلىنارلىق ۋەقەگە  مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر