شىرناقتا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

شىرناقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1877378
شىرناقتا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئەرەن قامال قىلىش – 27» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، شىرناق قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانلىقىدا، «جۇدى تېغى» نىڭ جەۋىزدۈزۈ يېزىسىدا، تۈنۈگۈن ئاخباراتقا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى ئىككى تېررورچى، قورال – ياراغلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رايوندا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر