پاكىستان باش مىنىستىرى سويلۇ بىلەن قۇرۇمنى قوبۇل قىلدى

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىلەن مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەرچىلىك ئىشلىرى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇمنى قوبۇل قىلدى.

1874943
پاكىستان باش مىنىستىرى سويلۇ بىلەن قۇرۇمنى قوبۇل قىلدى
soylu-kurum pakistan'da.jpg
soylu-kurum pakistan'da.jpg
soylu-kurum pakistan'da.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شېرىف، قوبۇلدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ سەل پالاكىتىنىڭ ئېغىر زەربىسگە ئۇچرىغان دۆلىتىگە ياردەم قولىنى سۇنۇشىنىڭ دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك قېرىندىشىم ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سەل پالاكىتى يۈز بەرگەن ھامان 27 – ئاۋغۇست كۈنى ماڭا تېلېفون قىلىپ، ھال سورىدى ھەم سەل پالاكىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان مىڭلارچە خەلقىمىز ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.»

سەل پالاكىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا 300 گە يېقىن بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن شېرىف، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە خەلقى ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا پاكىستان خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. سەل پالاكىتى يۈز بەرگەن ھامان تۈركىيەدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر يېغىشقا باشلىدى. بۇلار ھەم ھۆكۈمەت ياردەملىرى ھەمدە تۈركىيە خەلقى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ياردەملەر ئىدى.»

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، سەل پالاكىتىدە يۈز بەرگەن دەسلەپكى كۈندىن ئېتىبارەن ھەم ھاۋا ھەم قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق «قېرىنداشلىق كۆۋرۈكى» سالغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە بۈگۈن تۈركىيە مىقياسىدا 90 مىڭ جامەدە ئوقۇلىدىغان جۈمە نامىزىدا پاكىستان خەلقى ئۈچۈن ھەم دۇئا قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەمدە پۈتكۈل تۈركىيە خەلقى تەرىپىدىن ياردەم توپلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەرچىلىك ئىشلىرى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە ئىشقا ئاشۇرغىنىمىزدەك، ھەر قېتىملىق ئاپەتتىن كېيىن قانداق ھەرىكەتكە ئۆتسەك، بۈگۈنمۇ دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت پاكىستان خەلقى ۋە دۆلىتى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئاڭنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ يەردىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر