تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى پەلەستىندە قۇربانلىق گۆشى تارقاتتى
تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى پەلەستىندىكى ئېھتىياجلىق 13 مىڭ 216 ئائىلىگە قۇربانلىق گۆشى تارقىتىپ بەردى.
1854872
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى پەلەستىننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 150 كالا قۇربانلىقى قىلدى.
تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى قۇربان ھېيتتا (9- ئىيۇلدىن 12 –ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا) ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى غەززە رايونىدا 9150 ئائىلىگە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 3066 ئائىلىگە ۋە قۇددۇستا 1000 ئائىلىگە قۇربانلىق گۆشى تارقىتىپ بەردى.