سۇلايمان سويلۇ: «يىل بېشىدىن بۇيان  44 مىڭ 933 قانۇنسىز كۆچمەننى ئۆز دۆلەتلىرىگە يوللىدۇق»

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ يىل بېشىدىن بۇيان تۈركىيەدە 126 مىڭ قانۇنسىز كۆچمەننىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

1848431
سۇلايمان سويلۇ: «يىل بېشىدىن بۇيان  44 مىڭ 933 قانۇنسىز كۆچمەننى ئۆز دۆلەتلىرىگە يوللىدۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئىزمىردا بىر مۇراسىمدا سۆزىلىگەن نۇتۇقىدا، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى، ئەمما سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنى قانۇنسىز كۆچمەنلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۇردى.

سۇلايمان سويلۇ 510 مىڭ سۈرىيەلىكنىڭ بىخەتەر رايونلارغا قايتىقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ قولغا چۈشكەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرگىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ كىشىلەرنى ئۇلار تەۋە دۆلەتلەر بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەر رامكىسىدا ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇۋەتكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «بىز يىل بېشىدىن بۇيان تەخمىنەن 126 مىڭ قانۇنسىز كۆچمەننى تۇتتۇق. تىنىمسىز خىزمەت قىلىۋاتىمىز. ئەنگلىيەمۇ كۆچمەلەرنى رىۋانداغا ئەۋەتمەكچى ئىدى، ئەۋەتمىدى، بىر كىشىنىمۇ ئەۋەتەلمىدى. بىز قانچە كىشىنى ئەۋەتتۇق؟ بىز يىل بېشىدىن بۇيان 44 مىڭ 933 كىشىنى ئۆز دۆلەتلىرىگە يوللىدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر