تۈركىيە - سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا بىرلەشمە باياننامە ئېلان قىلىندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىرلەشمە باياننامە ئېلان قىلىندى.

1847040
تۈركىيە - سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا بىرلەشمە باياننامە ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بىرلەشمە باياننامىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئۇچرىشىشلاردا، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە بىخەتەرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى ھەمكارلىق دەۋرىنىڭ باشلىنىشىغا قارىتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.»

تەرەپلەرنىڭ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تارىخىي قېرىنداشلىق ئاساسىدا ھەمكارلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغان بىرلەشمە باياننامىدە، سودا ئىشلىرىنىڭ قولايلاشتۇرۇلۇشى، مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش، ئىجابىي ھەمكارلىقلارغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇچۇر – ئالاقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەدلىيە، ئىلمىي، ساياھەت، سەھىيە، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى  كۈرەش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى تەكىتلەندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى، زىيارىتى ئەسناسىدا ئۆزى ھەم ھەيئىتىگە كۆرسەتكەن يېقىنلىقى ۋە دوستانە مۇئامىلىسى» ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر