«ئەرەن قامال قىلىش – 14» زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى
شىرناقتا 585 ھەربىي خادىمنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «ئەرەن قامال قىلىش – 14» زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى كۈنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1835766
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەت كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، شىنرناق ۋىلايىتىدە «ئەرەن قامال قىلىش – 14 شېھىت قوراللىق ساقچى لېيتېنانت ئىسمائىل جان ئاقدېڭىز 2022 – 3» زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان.
زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى كۈنى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، كۆپ ساندا ئوق - دورا ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەن.
00