چاۋۇشئوغلۇ: ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىملىق ئۈچۈن رايون دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشى شەرت

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رايون دۆلەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ بىر – بىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىملىق ئۈچۈن شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1825799
چاۋۇشئوغلۇ: ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىملىق ئۈچۈن رايون دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشى شەرت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، 76 دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ماراكەشنىڭ ماراكەش شەھىرىدە، ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ناسىر بۇرىتا بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، يىغىننىڭ چاقىرىلىش ۋاقتىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، سۈرىيە، ئىراق، ئافغانىستان، ئافرىقا، ساھېل رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساھېل رايونىدىن سىرت يەنە، شىمالىي ئافرىقانىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە پاراۋانلىق ئۈچۈن، ئاقدېڭىز، ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، ھەتتا ياۋروپانىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ۋاز كېچەلمەس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رايون دۆلەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ بىر – بىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشى، ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىملىق ئۈچۈن شەرت.»

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ھەردائىم باشقا دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، چېگرا پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە پىرىنسىپلىق پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ دائىرىدە، قېرىنداش دۆلەت ماراكەشنىڭمۇ زېمىن پۈتۈنلۈكى، چېگرا پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى ھەردائىمقىغا ئوخشاش بۇ قېتىممۇ يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر