چاۋۇشئوغلۇ: دوست دۆلەت ۋېنېزۇئېلانى داۋاملىق قوللايمىز

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ دوست دۆلەت ۋېنېزۇئېلانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1820787
چاۋۇشئوغلۇ: دوست دۆلەت ۋېنېزۇئېلانى داۋاملىق قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشىدا  ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بەزى كېلىشىملەر ئىمزالانغان مۇراسىمغا قاتناشقان چاۋۇشئوغلۇ، پايتەخت كاراكاستىكى مىرافلورېس سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «3 – نۆۋەتلىك ۋېنېزۇئېلا – تۈركىيە ئورتاق ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنى» نىڭ يېپىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، مۇراسىمغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇروغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى، ھەمدە مادۇرونىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

بۇ يىغىننىڭ مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئالاھىدە مۇنبەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، كومىتېت يىغىنىدا 7 تۈرلۈك كېلىشىم ۋە ئورتاق باياننامە ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتتى.

مادۇرونىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا ساغلاملىق، بېلىقچىلىق ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە كېلىشىم ئىمزالاشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بايان قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرى بىلەن زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋېنېزۇئېلادا يېقىندىن بۇيان كۈچلۈك ئىقتىسادىي تەرەققىياتلارنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئەزەلدىن بىر تەرەپلىمە ئېمبارگولارغا قارشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى، ھەمدە ۋېنېزۇئېلاغا ھەر دائىم ئىشىنىپ ھەم ۋېنېزۇئېلانى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ بۇ مەزگىلدە، ئىقتىسادىي سودىمىز، 2021-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن 300% ئاشتى. ئارىمىزدىكى مۇساپىنىڭ يىراق بولۇشىغا قارىماي، ۋېنېزۇئېلانىڭ ئېكسپورتىدا تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىمىز. ئالدىنقى 3 ئايدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارايدىغان بولساق، 1.5 مىليارد دوللارلىق نىشانغا يېتىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈۋالالايمىز.»

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «ۋېنېزۇئېلاغا قارىتىلغان ئېمبارگولارغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىمەكچىمەن. بىز دوست دۆلەت ۋېنېزۇئېلانى داۋاملىق قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر