«23 – ئاپرېل بالىلار بايرىمى» تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە

«23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقى تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە.

1816867
«23 – ئاپرېل بالىلار بايرىمى» تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە
şentop birinci meclis.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقىنى تەبرىكلەش پىروگراممىلىرى دائىرىسىدە،  پايتەخت ئەنقەرەدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمدا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپنىڭ ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا ئاق – قىزىل رەڭلىك گۈلچەمبىرەك قويۇشىدىن كېيىن، ھۆرمەتتە تۇرۇلدى، «ئىستىقلال مارشى» ئوقۇلدى.

«23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقى  مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇلۇستىكى بىرىنچى مەجلىس بىناسىنىدىمۇ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دۆلەت باھچەلى، سابىق مائارىپ مىنىستىرى زىيا سەلچۇق، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمان مىنىستىرى ۋاھىت كىرىشچى، باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، ۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال مۇسا ئاۋسەۋەر، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى ئادمىرال ئادنان ئۆزبال، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ھەسەن كۇچۇكئاقيۇز، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە گۇرۇپپىسى بار سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشتى.

مائارىپ مىنىستىرى ماھمۇت ئۆزەرمۇ،  «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق» ۋە «بالىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر