چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «بۈگۈن گىرېتسىيە بىلەن دىيالوگ قاناللىرىنىڭ ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ كەڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمىز» دېدى.

1806615
چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى ۋەخپىسى (SETA)  «كىرىتەر ژۇرنىلى» دا، باش كوردىناتور بۇرھانەتتىن دۇراننىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ قىبرىس مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، يىللاردىن بۇيان فېدېراتسىيە ئاساسىدا مۇزاكىرەلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، بىراق قىبرىس رۇم تەرىپىنىڭ سىياسىي باراۋەرلىكنى قوبۇل قىلماسلىقى بىلەن، بۇ مۇزاكىرەلەرنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بارلىق تەرەپلەرگە ئارالدىكى ئەمەلىيەتكە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش كېرەكلىكى سىگنالىنى بەرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «قىبرىس تۈركلىرىگە يۈرگۈزۈلگەن قوش ئۆلچەملىك سىياسەتتىن ۋاز كېچىش كېرەكلىكىنى دەۋاتىمىز. تەرەپلەرنىڭ ئارالدىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى، ئۆزگىرىۋاتقان شەرت-شارائىتلار دائىرىسىدە تېخىمۇ دىققەت قىلغان ھالدا نەزەرگە ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۈگۈن گىرېتسىيە بىلەن دىيالوگ قاناللىرىنىڭ ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ كەڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمىز. تۈركىيە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سەمىمىي دىيالوگنى قوللايدۇ. بىز ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىجابىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرستىۋاتىمىز. ئىقتىسادتا ئۆزئارا ھەمكارلىققا مەركەزلەشكەن مۇسبەت ۋەزىيەت، 2021-يىلى ئىككى تەرەپ سودىسىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. 2020-يىلىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %70 ئېشىپ 5.2 مىليارد دوللارغا يەتتى. بۇ ئىجابىي ۋەزىيەتنىڭ گىرېتسىيە بىلەن مەسىلىلەرنى سەمىمىي ھالدا تالاش-تارتىش قىلالايدىغان مۇھىتنى پەيدا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز بۇ ھەقتە ئۈستىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىۋاتىمىز. گىرېتسىيەدىنمۇ بۇ نۇقتىدا ئوخشاش سەمىمىيلىك ۋە ئوخشاش سىياسىي ئىرادەنى كۆرسىتىشىنى كۈتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر