ئەبۇ زەبىدىكى سىمۋوللۇق بىنالارغا تۈركىيە بايرىقى ئەكس ئەتتۈرۈلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇ زەبى شەھىرىدىكى سىمۋوللۇق بىنالارغا تۈركىيە بايرىقى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

1778611
ئەبۇ زەبىدىكى سىمۋوللۇق بىنالارغا تۈركىيە بايرىقى ئەكس ئەتتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەبۇ زەبى ئەمىرلىك سارىيى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  چۈشكەن ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى سارىيىمۇ تۈركىيە بايرىقىنىڭ قىزىل ۋە ئاق رەڭلىرى بىلەن يورۇتۇلدى.

ئالدىنقى كۈنىمۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئېگىز بىنا بولغان «‹خەلىپە راۋىقى› بۇرج خەلىفە» غا تۈركىيە بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ۋە تۈركىيەنىڭ «ئىستىقلال مارشى» ياڭرىتىلغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بىنانىڭ  ئۈستىگە، تۈرك تىلىدا «قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەن خەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئىنگلىز ۋە ئەرەب تىللىرىدا بولسا «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرى» نامايەن قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر