«خەلىپە راۋىقى» غا تۈركىيە بايرىقى ئەكس ئەتتۈرۈلدى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەڭ ئېگىز بىناسى «خەلىپە راۋىقى» غا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتى ھارپىسىدا تۈركىيە بايرىقى بىلەن تۈركچە «قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەن خەتلەر  ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

1778367
«خەلىپە راۋىقى» غا تۈركىيە بايرىقى ئەكس ئەتتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تۈركىيەنىڭ ئەبۇ زەبى باش ئەلچىسى تۇگاي تۇنچەر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئەڭ ئېگىز بىنا لايىھەسى «بۇرج خەلىفە <خەلىپە راۋىقى>» نىڭ تۈركىيە بايرىقى بىلەن يورۇتۇلغان كۆرۈنۈشى (ۋىدېئوسى) نى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىدى.

باش ئەلچى تۇنچەر، «ئىستىقلال مارشى» غا تەڭكەش قىلىنىپ تارتىلغان ۋىدېئو ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە تارىخىي ئەھمىيىتى ناھايىتى زور مۇھىم بىر كۈندۇر. دەرۋەقە، بۇ ۋىدېئو، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەبۇ زەبى تەخت ۋارىسى شاھزادە شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھياننىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن، بۈگۈن ۋە ئەتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە – ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋەتلىرىگە كەڭ دائىرىلىك قاراپ چىقىلىدۇ، ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دۇنيا يەرمەنكىسى «EXPO 2020 دۇبەي» گە بېرىپ، «تۈركىيە دۆلەت بايرىمى كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن 15-فېۋرالدا تۈركىيەنىڭ كۆرگەزمە ساھەسىنى زىيارەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر