ئەردوغان تېز ساقىيىشىدا ۋاكسىنانىڭ پايدىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆتكەن ھەپتە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ۋە بۇ بەش كۈن ئىچىدە ناھايتى تېز ساقايغانلىقىنى ئېيتتى.

1777252
ئەردوغان تېز ساقىيىشىدا ۋاكسىنانىڭ پايدىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ كۈنلەرنى ناھايىتى ئاسان ئۆتكۈزدۈم. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا ۋاكسىنانىڭ پايدىسى بار. مەن ئىككى شىشە سىنوۋاك، ئۈچ شىشە بىيونتېك ۋاكسىناسى ئەملەتتىم. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۆزەمنى كېسەل بولغاندەك ياكى ھېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلمىدىم. ئۆيدە كۈندىلىك خىزمىتىمنى، خەلقئارالىق ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇردۇم» دېدى.

ئۇ ئايالى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ سالامەتلىكى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئايالىم ھازىرچە تولۇق ساقايمىدى. بارلىق سەھىيە تەدبىرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئىنشائاللاھ دۈشەنبە (14-فېۋرال) گىچە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر