تۇركوۋاك ۋاكسىنىسى تۈركىيەنىڭ بارلىق ۋىلايەتلىرىدە ئەملىنىشكە باشلاندى

تۈركىيەنىڭ يۇقۇمغا قارشى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان يەرلىك ۋاكسىنىسى — تۇركوۋاك دۆلەت مىقياسىدا ئەملىنىشكە باشلاندى.

1775071
تۇركوۋاك ۋاكسىنىسى تۈركىيەنىڭ بارلىق ۋىلايەتلىرىدە ئەملىنىشكە باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، يەرلىك ۋاكسىنا تۇركوۋاكنىڭ 81 ۋىلايەتتىكى شەھەر دوختۇرخانىلىرى بىلەن، تەربىيىلەش ۋە تەتقىش قىلىش دوختۇرخانىلىرىدا ئەملىنىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۇركوۋاك ئەۋەتىلمىگەن ۋىلايەت قالمىدى، ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن كىشى قالمىسۇن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر