تۈركىيەدە بىر يىل ئىچىدە 138 مىليون قۇتىدىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملەندى
سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تۈركىيەدە بىر يىل ئىچىدە 138 مىليون قۇتىدىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكىنى جاكارلىدى.
1762820
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوجا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كەڭ دائىرىلىك ھەقسىز ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنىڭ بىر يىل بۇرۇن باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىر يىل ئىچىدە 138 مىليون قۇتىدىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملەندى، بۇ جەرياندا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ۋاكسىنىمىز تۈركوۋاكنىمۇ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتۇق، كەڭ دائىرىلىك ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى، بىزنى بىر يىل ئىچىدە كۈندىلىك نورمال ھاياتىمىزغا ئىنتايىن يېقىنلاشتۇردى. كەم قالغان ۋاكسىنىلىرىمىزنىمۇ دەسلەپكى كۈنىدىكى قەتئىي ئىرادىمىزگە ئاساسەن دەرھال ئەملەتكۈزەيلى!.»