موسكۋادا جەنۇبىي كاۋكازنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۇنجى يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ

جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئورنىتىش ئۈچۈن رايونلۇق ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ تۇنجى يىغىنى 10-دېكابىر (2021) رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1745121
موسكۋادا جەنۇبىي كاۋكازنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۇنجى يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئورنىتىش ئۈچۈن رايونلۇق ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ تۇنجى يىغىنى 10-دېكابىر رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئىشتىراك قىلىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان جەنۇبىي كاۋكاز رايونلۇق ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ تۇنجى يىغىنى ئەتە ئېچىلىدۇ.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «جەنۇبىي كاۋكازدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئورنىتىش توغرىسىدا ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ھۆرمەتلىك ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان <3+3 > فورماتىدىكى رايونلۇق ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ تۇنجى يىغىنى 2021-يىلى 10-دېكابىر موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقى؛ تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر