ئاقار «زەپەر كۈنى» نى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسىنىڭ «8 – نويابىر زەپەر كۈنى» نى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1730116
ئاقار «زەپەر كۈنى» نى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال مۇسا ئاۋسەۋەر، دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ئادمىرال ئادنان ئۆزبال، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ھەسەن كۈچۈئاقيۈز ۋە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئالپئاسلان قاۋاقلىئوغلۇ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، ئەزەربەيجاننىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان  «8 – نويابىر زەپە كۈنى» نى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئاقار، ھۆرمەتتە تۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان دۆلەت مارشلىرىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن باشلانغان مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئالدى بىلەن، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ مىسلىسىز زەپىرىنى تەبرىكلىدى، ئاندىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دوستلۇقتىنمۇ ھالقىغان قېرىنداشلىق رىشتە – ئالاقىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ھەمكارلىقنىڭ بارلىق ساھەلەردە بارغانسېرى يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەن ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ نەتىجىسىدە، پەقەت ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل رايون دۆلەتلىرىنىڭمۇ بىخەتەر ھەم پاراۋانلىق ئىچىدە ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلىمىز، ھەمدە شۇنداق بولۇشىغا تىلەكداشمىز،. ھازىرغىچە بولغىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەققانى داۋالىرىدا ئۇلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز، بۇنىڭدىن ھېچكىم قىلچە گۇمانلانمىسۇن. بۇ مەسىلىلەرنى ھەممىلا يەردە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە تەكرار – تەكرار ئوتتۇرىغا قويدۇق، قويۇۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز.»

ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي تەلىم - تەربىيە ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان ئاقار، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئورتاق مەركەز پائالىيەتلىرىمۇ قويۇق شەكىلدە داۋاملاشماقتا، بىزنىڭ نىشانىمىز، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىزچىللىقى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە رايوندا مۇقىملىق ئورنىتىلىشىدۇر. دەرۋەقە، بۇ مۇقىملىق پەقەت ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئۈچۈنلا كېرەكلىك ئەمەستۇر. ئەگەر ئەرمېنىيە، ھۆرمەتلىك ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ ۋە ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ تىنچلىق نىشانىنى چۈشىنىپ يېتىپ، بۇ نىشان بويىچە ھەرىكەت قىلسا، ئەرمېنىيەنىڭ ھەم بىخەتەرلىك ھەم پاراۋانلىق جەھەتتىن پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلىمىز، ھەممە تەرەپنىڭمۇ بۇ ئۆلمەس ھەقىقەتنى چۈشىنىپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ نۇقتىدا بىزنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىمىزنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا، 6 تەرەپلىك يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتكۈل كاۋكاز رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاشقا بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان.»

ئاتاتۈركنىڭ «ئەزەربەيجاننىڭ دەرد – ئەلەملىرى بىزنىڭمۇ دەرد – ئەلەملىرىمىز، خۇشاللىقى بىزنىڭمۇ خۇشاللىقىمىزدۇر» دېگەن سۆزى بىلەن ھەيدەر ئەلىيېۋنىڭ «تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان بىر مىللەت، ئىككى دۆلەتتۇر» دېگەن سۆزىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئاقار، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئورتاق تارىخى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرى ئاساسىدا، غەم – قايغۇدىمۇ، خۇشاللىقتىمۇ بىللە بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىز <بولدى بەس> دەپ 44 كۈن ئىچىدە مىسلىسىز زەپەر قازاندى، ھەمدە ئۆز زېمىنلىرىنى ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، تۈركلەرنىڭ قۇدرىتىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلدى، جۈملىدىن، ھەم ئەزەربەيجاننىڭ ھەم تۈركىيەنىڭ ۋەتىنى ۋە ئۆز زېمىنىنى قوغداشتا ھېچنېمىدىن ئايانمايدىغانلىقىنى پۈتكۈل جاھان ئەھلى تونۇپ يەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر