ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ۋاكسىناسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا يەنە 12 دۆلەت بىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد-19)  ۋاكسىناسى گۇۋاھنامىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىدىغان بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1720860
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ۋاكسىناسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد-19)  ۋاكسىناسى گۇۋاھنامىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا يەنە 12 دۆلەتتە  ئېتىراپ قىلىنىدۇ.

مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم كىران ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى يىڭىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك دىپلوماتىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا يەنە 12 دۆلەت بىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى گۇۋاھنامىسىنى ئېتىراپ قىلىشقا  ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلغانلىنى ئېيتتى.
ياۋۇز سەلىم كىران تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تېزدىن ئارقىدا قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئۈنۈملۈك دىپلوماتىيە ئېلىپ بارماقتىمىز. ۋاكسىنا ئەملەش پىروگراممىىمىزنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ماس كېلىدىغان باشقا دۆلەتلەر ئارا ساياھەتلەرنى ئاسانلاشتۇرۇۋاتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا يەنە، تۈركىيە بىلەن ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسىنى ئېتىراپ قىلىشقان دۆلەتلەرنىڭ، «ئالبانىيە، بۇلغارىيە، ھىندىنوزىيە، پەلەستىن، ماراكەش، گىرۇزىيە، شىۋېيتسارىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ۋېنگرىيە، مولدوۋا، سېربىيە ، ئۇكرائىنا ۋە گىرېتسىيە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىجىتال گۇۋاھنامە سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ  ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە ئېتىراپ قىلىنماقتا ئىدى.
بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى، تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ۋېنگرىيە، بۇلغارىيە ۋە گىرېتسىيە بىلەن  ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش كېلىشىمى تۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر