شىرناقتا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

شىرنتاقتا «ئەرەن – 13» ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1712139
شىرناقتا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ئەترەتلىرى، قوراللىق ۋە قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا،  شىرناقنىڭ بەستلەر – دەرەلەر يېزا – قىشلاقلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان، «ئەرەن – 13» ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 2 تېررورچى، قورال – ياراغ بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغان.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – گۈلدۈرماما» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى بىر، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بولسا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى ئىككى تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر