تۈركىيەدە ئەملەنگەن ۋاكسىنا سانى 95 مىليون شېشىدىن ئاشتى
تۈركىيەدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئەملەنگەن ۋاكسنا مىقدارى 95 مىليون شېشىدىن ئاشتى.
1701350
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «covid19asi.saglik.gov.tr» ئىنتېرنېت ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2 – سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 09.50 ئېتىبارى بىلەن، 48 مىليون 616 مىڭ 804 بىرىنچى شېشە، 37 مىليون 427 مىڭ 546 ئىككىنچى شېشە ۋاكسىنا ئەملەنگەن.
باشقا شېشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي ۋاكسىنا سانى 95 مىليون 11 مىڭ 116 شېشىگە يەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە غەززەگە ياردەم بېرىشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ
تۈركىيە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.