سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى كۆپەيدى
تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ، سىنوپ ۋە بارتىن ۋىلايەتلىرىدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 41 گە يەتتى.
1690940
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كاستامونۇدا 34، سىنىوپتا 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، يارىلانغان 9 كىشى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
3 ۋىلايەتتە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى قويۇقلاشتۇرۇلغان.
رايوندا خارابىلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تازىلاش پائالىيەتلىرىمۇ باشلانغان.
بۇ ئارىلىقتا، بارتىن ۋىلايىتىنىڭ ئۇلۇس ناھىيەسىدە كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن بىر كىشىنىڭ جەسىتى، دەريا بويىنىڭ تاشلىق رايونىدىن تېپىلغان.