ھاككارىدا ئىككى تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى
ھاككارى ۋىلايىتى كاۋاكلى ناھىيەسىنىڭ كاتو مارىنوس رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىككى ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھاككارىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، «14-ئەرەن» ھەربىي ھەرىكەتلىرى رامكىسىدا، ھاككارىنىڭ كاۋاكلى ناھىيەسىنىڭ كاتو مارىنوس رايونىدا، ھاككارى ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتىدە، پ ك ك نىڭ ئىككى ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا يەنە، رايوندىكى ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە چاقماق» ۋە زاپ رايونلىرىدا ئىككى، سۈرىيەدىكى تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا بىر پ ك ك ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىنغان ئىدى.
پ ك ك|ك ج ك نىڭ نامدىكى ۋە كود ئىسمى ھاكۇرك ئارقا سەپ مەسئۇلى سەردار پىر ئاۋېستا بولغان ھاكان ئاتەشنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى ھاكۇركتا بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.