15-ئىيۇل: تۈركىيەدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى 15-ئىيۇل شېھىتلىرى ۋە قەھرىمانلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى 15-ئىيۇل خاتىرە سارىيىدىن نەق مەيداندىن تارقاتتى.

1675754
15-ئىيۇل: تۈركىيەدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى ئىستانبۇل ۋە پايتەخت ئەنقەرەدىكى 15-ئىيۇل خاتىرە سارىيىدىن تارقاتقان نەق مەيدان پىروگراممىلىرىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016-يىلى 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە شېھىت بولغانلارنىڭ ھېكايىلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتتى.

15-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ بەشىنچى يىللىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان خاتىرىلەش پىروگراممىسىدا، 251 شېھىت بىرمۇ بىر خاتىرىلەندى ۋە نامايان قىلغان قەھرىمانلىقلىرى ئىنگىلىزچە تەييارلانغان ۋىدېئو بىلەن تارقىتىلدى.

پىروگراممىدا، 15-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى خەلقنىڭ جان بەدىلىگە قىلغان كۈرەشلىرى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن دېموكراتىيە غەلىبىسىگە، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىش مەقسەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر