تۈركىيەدە بۈگۈن49يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 49كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1674223
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن49كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 227مىڭ 273ئادەمنىڭ 5 مىڭ 404نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
يېقىنقى 24 سائەتتە سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققانلارنىڭ5مىڭ506بولدى.
بۈگۈنگىچە بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى شىشە ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەرنىڭ سانى 58 مىليون 639 مىڭ 592 گە يەتتى.