ئەردوغان: 50 مىليون قۇتىدىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە  50 مىليون قۇتىدىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1668095
ئەردوغان: 50 مىليون قۇتىدىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە  50 مىليون قۇتىدىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولدى، دەرۋەقە، ۋاكسىنا ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالىمىزدۇر. خەيرلىك بولسۇن. خۇدايىم بۇيرۇسا، كۈچلۈك سەھىيە سىستېمىز، سەھىيە خادىملىرىمىزنىڭ غەيرەت – شىجائەتلىرى ۋە ئەزىز خەلقىمىزنىڭ ھۇشيارلىقى بىلەن بىرلىكتە، بىز يېقىندا خىزمەتكە كىرىشتۈرگەن يەرلىك ۋاكسىنىمىز تۇركۇۋاك سايىسىدا، ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىغا قارشى كۈرىشىمىزنى تېخىمۇ كەسكىن رەۋىشتە داۋاملاشتۇرىمىز، تۈركىيەنى تېخىمۇ ساغلام ئەتىلەرگە يەتكۈزىمىز.»

يەنە بىر تەرەپتىن، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە سەھىيە خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 ياشقا كىرگەن ۋە 50 ياشتىن چوڭ كىشىلەرگە قارىتا 3 – قۇتا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى باشلاندى.

ئەدىرنە، قىرىقلارەلى ۋە تەكىرداغدا ۋاقىت توختىتىپ، سەھىيە ئورگانلىرىغا بارغان پۇقرالار، دوختۇرخانىلاردا ۋە ئائىلە ساغلاملىق مەركەزلىرىدە ۋاكسىنا ئەملەتكۈزمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر