تۈركىيەدە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئىيۇن ئېيىدا  تاماملاندى

تۈركىيەدە «كوۋىد – 19» ۋاكسىنالىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى ئىيۇن ئېيىدا ئەملەندى.

1664701
تۈركىيەدە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئىيۇن ئېيىدا  تاماملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە دۆلەت مىقياسىدا ئەملەنگەن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قۇتا ۋاكسىنالارنىڭ سانى 45 مىليون 500 مىڭغا يەتتى.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئاممىۋى ئىممۇنىتېتقا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى باشلىتىلغاندىن كېيىن، 1 – ئىيۇندىن 24 – ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا، 16 مىليون 400 مىڭ قۇتىدىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملەندى.

شۇنىڭ بىلەن، ھازىرغىچە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى ئەملەنگەن ۋاكسىنالارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى، ئىيۇن ئېيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولدى.

ۋاكسىنا ئەملەنگەن ياش ۋە كەسپىي گۇرۇپپىلاردىمۇ مۇشۇ ئايدا تېز ئىلگىرىلەش بولدى.

1 – ئىيۇن كۈنى 50 ياشلىقلار ۋە ئۇنىڭدىن چوڭلارغا ۋاكسىنا ئەملىنىشكە باشلانغان بولۇپ،  بۈگۈندىن ئېتىبارەن ياش چەكلىمىسى 18 گە تۆۋەنلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر