نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن رايونىدا «پەنجە – گۈلدۈرماما» ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 8 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1649574
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋاتىمىز، تېررورچىلارغا قاچىدىغان تۆشۈك قالدۇرمايۋاتىمىز. ئاۋاشىن رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان <پەنجە – گۈلدۈرماما> ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 8 تېررورچى، ھاۋا ئارمىيەمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە غەززەگە ياردەم بېرىشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ
تۈركىيە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.