ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە – چاقماق» ۋە «پەنجە – گۈلدۈرماما» ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1646795
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدا <پەنجە – چاقماق> ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا 10، <پەنجە – گۈلدۈرماما> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 1 بولۇپ، جەمئىي بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 11 تېررورچى، قۇرۇقلۇقتىن ياردەم بېرىش ۋاسىتىسىلىرىمىز ۋە ئالاھىدە ئەترەتلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى.»