پ ك ك تېررورچىلىرى داۋاملىق تەسلىم بولۇۋاتىدۇ

قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان يەنە بىر تېررورچى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

1621028
پ ك ك تېررورچىلىرى داۋاملىق تەسلىم بولۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەكشۈرۈش داۋامىدا، قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قېچىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان تېررورچىنىڭ، 2005 – يىلى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى ۋە ئىراقتا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

شۇنىڭ بىلەن، قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قېچىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 51 گە يەتكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، 2021 – يىلىنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيى ئىچىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 382 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار ئارىسىدا، «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلغانلار كاتېگورىيەسىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ئامانوس ساھە ئىشلىرى مەسئۇلى ۋە ئاتالمىش ماردىن ئىشلىرى مەسئۇلى، «ئاپېلسىن رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلغانلار كاتېگورىيەسىدىكى ئاتالمىش ماردىن باگوك ساھە ئىشلىرى مەسئۇلى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا، تېررورچىلارغا ئائىت پاناھ جايلار ۋە ۋە غارلارمۇ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر