ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى دېكابىردا باشلىنىدۇ

2020-يىللىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى (TRT World Forum 2020) 1-2- دېكابىر (2020) كۈنلىرى «يۇقۇمدىن كېيىنكى دۇنيانىڭ خەلقئارالىق تەرتىپى ۋە ئۆزگەرگەن دىنامىكلار» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1534764
ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى دېكابىردا باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2020 -يىللىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن سىنلىق ئېچىلىدىغان مۇنبەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدە، تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى-ت ر ت مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى ۋە باش مۇدىر ئىبراھىم ئەرەن سۆز قىلىدۇ.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى رەھبەرلەر، مۇتەخەسسىسلەر، ئاكادېمىكلار ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە سۆز قىلىدۇ.

ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقادىكى ئاخباراتچىلىق بىرلەشمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى «يۇقۇم مەزگىلىدە ئاخباراتچىلىق ۋە تاراتقۇلارنىڭ رولى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمىلەرنى قىلىدۇ.

مۇنبەرنىڭ ئېچىۋېتىلگەن يىغىنلىرىدا، «يۇقۇم مەزگىلىدە دۇنيا ساقلىق مەسىلىلىرىنىڭ ئورتاق چارىلىرى»، «سودا-سانائەت ۋە مائارىپ ساھەسىنىڭ كېلەچىكى»، «ساياھەتسىز دۇنيا»، «يۇقۇم پۇرسەتمۇ ياكى ئاخىرى يوق خالتا كوچىمۇ؟» قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرەلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يېپىق يىغىنلاردا، «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا تەرتىپىدە تۈركىيە تاشقى سىياسىتى»، «ئۇرۇش ۋە يۇقۇم:سۈرىيە ۋە يەمەندە ياشاش ئۈچۈن كۈرەش» ۋە «ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە توقۇنۇشىنىڭ ئاقىۋىتى» قاتارلىق ئالاھىدە تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

مۇنبەرگە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسەت تۈزۈش دىرېكتورى پېتېر بېركوۋىتز (Peter Berkowitz)، ب د ت تەرەققىيات پىروگراممىسى دىرېكتورى ئاخىم شتاينا (Achim Steiner)، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، پىروفېسسور ۋىراچ دوختۇر مەھمەت ئۆز قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق سىياسەتچى ۋە جامائەت ئەرباپلىرى قاتنىشىدۇ.

«www.trtworldforum.com» ئادرېسىدىن 2020-يىللىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرىغا تىزىملاتقىلى ۋە مۇنبەر ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر