شەنتوپ پومپېيونى ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قانۇنسىز يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونىنى زىيارەت قىلىشىنى ئەيىبلىدى.

1531660
شەنتوپ پومپېيونى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئاقساق ئۆردەك» نىڭ خاتا ئىز قالدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، قانۇنسىز يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرىنى پەقەت <ئاقساق ئۆردەك> نىڭ باشقۇرغۇچىسىلا زىيارەت قىلىدۇ، تىنچلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پىتنە - پاسات ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەتنى ئەيىبلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر