تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

شىرناقنىڭ «جۇدى تېغى» رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1531171
تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «چاقماق – 1 جۇدى شېھىت قوراللىق ساقچى قىسىم مۇتەخەسسىسى سېرژانت مۇھەممەد فەردى گۈنتەكىن ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، شىرناقنىڭ مەركەز ناھىيەسى «جۇدى تېغى» رايونىدا، ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق ئالاھىدە قىسىم ۋە ئالاھىدە ھەربىي خادىملارنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يەنە بىر باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ داۋاملىق قايىل قىلىش خىزمەتلىرى ئىشلىشى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك ئەزاسى بىر تېررورچى ھاققارىدا تەسلىم بولغان.

باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، تەسلىم بولغان تېررورچىنىڭ، 2004 – يىلى  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى ۋە ئىراقتا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان. بۇ تېررورچى بىلەن بىرلىكتە، 1 – يانۋاردىن بۇيان قايىل قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ سانى 204 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر