ئەردوغان: ياۋروپا ئەللىرى دېموكراتىيە ئۇقۇمىغا زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بىر دىننىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرىگە تۇتقان ناچار پوزىتسىيەلىرى ئارقىلىق دېموكراتىيە ئۇقۇمىغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1519305
ئەردوغان: ياۋروپا ئەللىرى دېموكراتىيە ئۇقۇمىغا زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ، ۋان ۋىلايەتلىك  ئاتاتۈرك شەھەر تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن 7 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا، ياۋروپادا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى توغرۇلۇق توختالغاندا، مۇنداق دېدى: « ئەركىنلىك نامىدىن، بىر دىننىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرىگە ناچار پوزىتسىيە تۇتۇشنىڭ ئىلغارلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلار دېموكراتىيە ئۇقۇمىغا زىيان سالماقتا. ياۋروپانىڭ قىممەت ئۆلچەملىرى چىقىش نۇقتا قىلىنىپ ئاتلانغان سەپەرنىڭ، باشقا ئېتىقاد سىستېمىلىرى ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ سىمۋوللىرىغا قارشى ئەڭ پەسكەشلەرچە ھاقارەت قىلىدىغان سەپەرلەرگە ئايلىنىپ قېلىشى، ھەمدە بۇنىڭ <ئەركىنلىك> نامىدىن  ئوتتۇرىغا تاشلىنىشى ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلنارلىق ئىشتۇر.  فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەردە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى، ياۋروپانى قانچىلىغان قېتىم پالاكەتكە ئىتتىرگەن ئىللەتلىك ئىدېئولوگىيەنىڭ تېخىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر.»

ئىغۋاگەرلىكلەرنى ئەسلا ئېتىبارغا ئايمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان ھەر بىر ھاقارەت پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى، ماڭا قىلىنغان ھەر بىر ھاقارەت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر