شىرناقتا بىر تۈركۈم تېررورچىلار تەسلىم بولدى

شىرناقتا ژاندارما ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

1507965
شىرناقتا بىر تۈركۈم تېررورچىلار تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئۈنۈملۈك ئىشلەنگەن قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك سېپىدىكى يىمىرىلەشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك ئەزاسى 5 تېررورچىنىڭ شىرناقتا تەسلىم بولۇشى بىلەن 1 – يانۋاردىن بۇيان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە تەسلىم بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى سانىنىڭ 181 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

تەسلىم بولغان 5 تېررورچىنىڭ بىرىنىڭ ئائىلىسى، دىيارباكىردىكى پەرزەنتلىرىنى كۈتۈپ نامايىش قىلىۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر