ئوكتاي: ماراش رايونى قانۇنغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئېچىلىدۇ

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى چېگرالىرى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ۋە بۇنىڭدىن 46 يىل ئىلگىرى ئولتۇراقلىشىش ۋە يەرلىشىشكە تاقىۋېتىلگەن «ماراش رايونى» نىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1504571
ئوكتاي: ماراش رايونى قانۇنغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تاشلاندۇق ھالەتتە تەرك ئېتىلىپ، باغرىمىزنى خۇن قىلىۋەتكەن گۈزەل ماراش رايونىنى ھەققانىيەت ھەم قانۇنغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئاچىمىز. قىبرىس تۈركلىرى ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى بىر كۈنمۇ سۇسىز قالدۇرمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرگەنىدۇق. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە تورۇسلاردىن ھاياتلىق سۈيى قايتا ئېقىشقا باشلىدى. خەيرلىك بولسۇن!»

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتار، تۈنۈگۈن ئەنقەرە زىيارىتى جەريانىدا، ماراش رايونىنىڭ ئەتە ئەتىگەن تەرەپلەردە ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر