نۇرغۇن تېررورچى تەسلىم بولدى

شىرناقتا قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە 3 تېررورچى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

1483260
نۇرغۇن تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قايىل قىلىش خىزمەتلىرى ئىشلىشى نەتىجىسىدە، بۇنىڭدىن 6 يىل ئىلگىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا بولغان ۋە ئىراقتا پائالىيەت ئېلىپ بارغان 3 تېررورچى، شىرناقتا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.

شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە قايىل قىلىش خىزمىتى ئىشلىنىشى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 144 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر