ئەرەب دۆلەتلىرىدە تۈركىيەنى قوللاش ھەرىكىتى باشلاندى

ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا باشلانغان تۈركىيەنى قوللاش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى دىققەت قوزغاشقا باشلىدى.

1472921
ئەرەب دۆلەتلىرىدە تۈركىيەنى قوللاش ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيتلىك ئاكادېمىك ۋە ئۈممەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ھاكىم ئەلماتايرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇن كىشى، «تۈركىيەنى قوللا»، «تۈركىيە سەن يالغۇز ئەمەس» ۋە «مۇسۇلمانلار تۈركىيەنى قوللايدۇ» دېگەندەك خەتكۈچلەر بىلەن باشلانغان سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوللىدى.

تۈركىيەدە ياشايدىغان ئەرەبلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەرەب-تۈرك تەشكىلاتلىرىدىن باشقا، ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئىجتىمائي تەشكىلاتلارمۇ سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوللىدى.

تۈركىيەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش تەكىتلەنگەن سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىدە، «تۈركىيەنى قوللاش، ئۈممەتكە ياردەم قىلغانلىق» دېگەن خەتكۈچ ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

«نافىزەت ئىقتىساد» (ئىقتىساد پەنجىرىسى) ناملىق خەۋەر بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئېمانى مۇھەممەد، ھەر دائىم تۈركىيەنى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىمۇ قوللىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى مىڭلارچە كىشىنىڭ تۈركىيەدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ھەيران بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۆلەتتە ياشاشنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە يېقىنقى يىللاردا دائىم مەزلۇملارنى قوللايدىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا چىقتى» دېدى.

ئەنەس تەلفۇھ تۋىتتېردا: «تۈركىيە ھەر بىر شەرەپلىك مۇسۇلماننىڭ يۈرىكىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇنداق بولسا، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززىتى بولغان تۈركىيەنى قوللاش كېرەك» دېدى.

ھەقنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن سارا ئەلگامىرىمۇ تۋىتتېردا: «بىز توغرىنى قوللىشىمىز كېرەك. توغرىنى قوللاش ۋە زۇلۇمنى يوقىتىش ئۈچۈن تۈركىيەنى قوللايمىز» دېدى.

تۋىتتېردىكى «221 مۇستافا» ئىسىملىك كىشى ئۆزىنىڭ ئىراقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىدا بولغان مۇددەتتە تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا دۇچ كەلگەن بېسىملار ۋە تۈركىيە ئىقتىسادىغا قىلىنغان ھۇجۇملار سەۋەبىدىن تۈركىيەنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرەبلەرنىڭ مۇشۇنداق سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر