تۈركىيەدىن بارغان قۇتقۇزۇش ئەترىتى بېيرۇت پورتىدىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتا 4 - ئاۋغۇستتا يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن، تۈركىيەدىن بارغان قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ بېيرۇت پورتىدىكى خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

1469675
تۈركىيەدىن بارغان قۇتقۇزۇش ئەترىتى بېيرۇت پورتىدىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەرىكەت باشقارمىسى قوماندانى جان نەھرا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيەدىن كەلگەن قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ بېيرۇت پورتىدىكى پارتلاش يۈز بەرگەن جايغا ئەڭ يېقىن يەردە قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نەھرا خەلق مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جان نەھرا پورتنىڭ جەنۇبىدىكى بۇغداي ئاكۇپلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ پارتلاش سەۋەبىدىن يىقىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئەگەر بۇ رايوندا ئاكۇپلار بولمىغان بولسا ئىدى، پارتلاشنىڭ بېيرۇتقا بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ ۋە قورقۇنچلۇق بولاتتى» دېدى.

بېيرۇت پورتىدا 4 – ئاۋغۇستتا پارتىلاتقۇچ ماددە ساقلىنىۋاتقان 12 - نومۇرلۇق ئىسكىلاتتا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئارقىدىن ئىنتايىن كۈچلۈك پارتىلاش يۈز بەرگەن ۋە پۈتۈن بېيرۇتنى زىلزىلىگە سالغان ئىدى. پارتلاشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 158 گە يېتىپ، يارىلانغانلارنىڭ سانى 6 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر