جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى ئوقتاي بىلەن چاۋۇشئوغلۇ لىۋانغا يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك قوللاش زىيارىتىدە بولۇش مەقسىتىدە لىۋانغا يېتىپ باردى.

1469278
جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى ئوقتاي بىلەن چاۋۇشئوغلۇ لىۋانغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك قوللاش زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بارغان لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتىكى رەفىق ھەرىرى ئايرودۇرۇمىدا لىۋان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاربېل ۋەھبى، تۈركىيەنىڭ بيېرۇتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھاقان چاكىل، تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۈللۈئوغلۇ ۋە ئەلچىخانا خادىملىرى كۈتۈۋالدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ ھەمراھ بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، 154 ئادەم قازا قىلغان، 5 مىڭ ئادەم يارىلانغان پارتلاش بىلەن زىلزىلىگە كەلگەن لىۋاندا پىرېزىدېنت مىشەل ئەۋن، پارلامېنت باشلىقى نەبىھ بەررى ۋە باش مىنىستىر ھەسسان دىياب قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي رەسمىي ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، پارتلاش يۈز بەرگەن پورتنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ۋە تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ يادەم خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

8-ئاينىڭ 4- كۈنى بېيرۇت پورتىدىكى پارتلاتقۇچ دورا قويۇلغان 12-نومۇرلۇق ئىسكىلاتتا دەسلىپىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئارقىدىن ناھايىتى كۈچلۈك پارتلاش يۈز بېرىپ، پۈتۈن بېيرۇتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەنىدى. پارتلاشتا 154 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، تەخمىنەن 5 مىڭ ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر