تېررورچىلار شىرناقتا پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى
شىرناقنىڭ سىلوپى ناھىيەسىدە ئىشچىلار ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەسنادا پارتلاش يۈز بېرىپ، 4 ئىشچى قازا قىلدى.
1438239
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناق ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، ۋەقەنىڭ بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى، ئىشچىلار ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەسنادا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن يولغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىتىلغانلىقىنى، ۋەقەدە 4 ئىشچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.