ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان %93 كىشىنىڭ يېشى 65 تىن يۇقىرى

تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) قارشى تۇرۇشىدا، ھەم ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانىدا، ھەمدە يۇقۇم سانىدا مۇقىملىق ئەمەلگە ئاشتى.

1430400
ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان %93 كىشىنىڭ يېشى 65 تىن يۇقىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 18 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 4 مىڭ 648 بولدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 57 مىڭ 829 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ۋە 930 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. 622 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 133 مىڭ 400 گە يەتتى.

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا يېقىنقى بىر ئايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىنىڭ 74.6 ئىكەنلىكىنى، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغان %93 كىشىنىڭ  65 ياشتىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر