«سەھىيە خادىملىرىنى قوللاش ھەرىكىتى» گە ئەردوغانمۇ قاتناشتى

«سەھىيە خادىملىرىنى قوللاش ھەرىكىتى» گە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغانمۇ قاتناشتى.

1382354
«سەھىيە خادىملىرىنى قوللاش ھەرىكىتى» گە ئەردوغانمۇ قاتناشتى
erdogan alkisli destek.jpg
alkisli destek.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ خەلق ئاممىسى سائەت دەل 21 دە دېرىزە ۋە بالكونلاردا نەچچە مىنۇت سەھىيە خادىملىرىغا ئالقىش ياڭراتتى. ئالقىش ياڭرىتىش ئارقىلىق سەھىيە خادىملىرىنى قوللاش ھەرىكىتىگە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغانمۇ قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلەشكەن ۋىدېئولۇق ئۇچۇرىدا، سائەت دەل 21 دە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇلدىكى «قىسىقلى سارىيى» دا «سەھىيە خادىملىرىنى قوللاش ھەرىكىتى» گە قاتناشقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشا كۈرىشىمىزنىڭ ساداقەتمەن ۋە پىداكار قەھرىمانلىرىغا، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە قىيىن ئۆلكەللەرگە قىلچە پىسەنت قىلماي، ھارماي – تالماي كېچە – كۈندۈز خىزمەت ئىشلەۋاتقان بارلىق سەھىيە خادىملىرىمىزغا ئۆزۈم، ئائىلەم ۋە خەلقىم نامىدىن كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن ۋە ئالقىش ياڭرىتىمەن. سەھىيە خادىملىرىمىزنىڭ كۈرىشى ئەلۋەتتە ھەر خىل ئالقىش سادالىرىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن  ئورۇندا تۇرىدۇ. بىز ئۇلارغا چەكسىز  ھۆرمەت بىلدۈرىمىز،  ئۇلار بىلەن ئىپتىخارلىنىمىز. بارلىق سەھىيە خادىملىرىمىزغا، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا يالقۇنلۇق سالام يوللايمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قولىنى كۆكسىگە قويۇپ قىلغان سالىمىدىن كېيىن، «بۈگۈننىڭ سالىمى، كوچىلاردا بۇ مۇسىبەتنى دەپئىي قىلغانغا قەدەر قەتئىي تىركىشەيلى!» دېدى.

ئەمىنە ئەردوغانمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ھەمبەھىرلەشكەن ۋىدېئولۇق ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرىشىمىزنىڭ پىداكار قەھرىمانلىرىغا تەشەككۈرلىرىمىز ھەم مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.»

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، «ساداقەتمەن ۋە پىداكار سەھىيە خادىملىرىمىزغا ئۇدا ئۈچ كۈن ئارقىمۇئارقا ئالقىش ياڭرىتايلى!» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر