ئوكتاي ماراشنى زىيارەت قىلدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە 1974 – يىلدىن بۇيان تاقاق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ماراش رايونىنى زىيارەت قىلدى.

1360057
ئوكتاي ماراشنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراش رايونىدا ئالدى بىلەن ماراش ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى ئىشتابىنى زىيارەت قىلغان ئوكتايغا، ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈل، سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ياردەمچىسى سەردار چام، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى ماھىر ئۈنال، تۈركىيەنىڭ لەفكوشا باش ئەلچىسى ئەلى مۇرات باشچەرى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇدرەت ئۆزەرساي قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت ھەمراھ بولدى.

ئوكتاي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى بۇ يەردە قىبرىس تۈرك تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ قوماندانى  بىرىگادا گېنېرالى سەزائى ئۆزتۈرك ۋە باشقا مەسئۇللار قارشى ئالدى.

ماراش رايونى ھەققىدە ماراش  ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى قوماندانى پولكوۋنىك گۆكھان تاشدەمىردىن ئۇچۇر ئىگىلەن ئوكتاي، ماراش ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى ئىشتابىنىڭ زىيارەت دەپتىرىنى ئىمزالىدى، ئاندىن تاشدەمىرنىڭ ھەمراھلىقىدا ماراش رايونىنى ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر