تۈركىيە پاكىستاندىكى بىر مەسچىتتە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، پاكىستاندىكى بىر مەدرىسىنىڭ مەسچىتىدە مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1338847
تۈركىيە پاكىستاندىكى بىر مەسچىتتە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ، بېلۇجېستان ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى كۇئېتتادىكى بىر مەسچىتتە مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، يەنە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «بۇ خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن قېرىنداش پاكىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

پاكىستاننىڭ بېلۇجېستان ئۆلكىسىنىڭ كۇئېتتا شەھىرىگە قاراشلىق گۇساباد رايونىدىكى بىر مەدرىسىنىڭ مەسچىتىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، بىرى ساقچى، بىرى مەدرىسە ئىمامى بولۇپ جەمئىي 15 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 19 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر