ماراكەشلىك ۋە كوسوۋالىق 3 تېررورچى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى
چەت ئەللىك 3 تېررورچى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، دۆلەتلىرىگە يوللاندى.
1324862
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، چەت ئەللىك تېررورچىلارنى دۆلىتىگە يوللاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ دائىرىدە ماراكەشلىك ۋە كوسوۋالىق 3 تېررورچى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، دۆلەتلىرىگە يوللانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.