ئەردوغان سېنېگال پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (20-نويابىر) سېنېگال پىرېزىدېنتى ماكي سال (Macky Sall ) بىلەن كۆرۈشتى.
1309880
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا سېنېگال پىرېزىدېنتى ماكي سالنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى. ئىككى رەھبەر مۇراسىمدىن كېيىن ئايرىم كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، پىرېزىدېنت ماكي سالنىڭ شەرىپىگە، ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە كەچلىك تاماق زىياپىتى بېرىلدى.